Uyghur主要词典
بەس سالماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ئىش، ئەمگەك، ۋەزىپە قاتارلىقلارنى بېجىرىشنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىشمەك، سېلىق سالماق، بىر - بىرىگە قاراپ ئىشلىمەك: ئۇ دەررۇ كۆپچىلىككە بۇرۇلدى - دە: - تۇرۇشمامسەن؟ مۇنۇ كۆتەكلەرنى چىقىرىپ بولۇپ گوداڭلارنى تۈزلىۋېتەيلى، بەرىبىر بۇ كۆپچىلىك قىلىدىغان ئىش. بەس سالىدىغان يېرىڭگە بېرىپ بەس سېلىشىۋال! - دېدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەرئىش، ئەمگەك، ۋەزىپە قاتارلىقلارنى بېجىرىشنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىشمەك، بىر - بىرىگە قاراپ ئىشلىمەك.
ئەبىلغازى ھېيتەكلەرگە بۇرۇلدى - دە : - قۇيۇشە، بە سېلىشماي، ما ئىشنى تۈگىتىۋېتەيلى،- دېدى .