Uyghur主要词典
بەرنا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ياش، گۈزەل، چىرايلىق؛
ياش يىگىت:
يۈزى شەمسى قەمەر يەڭلىغ قەدى شەمشاد ئول بەرنا،
ئەگەر بىلسەڭ مېنىڭ يارىم ھەمەئەلدىنكى سەدرەدۇر.
سەدائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ياش، كېلىشكەن؛ يېقىملىق قىز ياكى كېلىشكەن يىگىت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەددى - قامىتى كېلىشكەن، غايەت گۈزەل.
خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك. ياشلىق چېغىڭ _ زىلۋا چېغىڭ. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن لەۋەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانەن گەۋدىلىك ۋە كۈچلۈك.
«گوسمۇس» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
«ئاپىتوللۇغ» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
قاۋۇل ئالتە بالىنى ئىشچان ئانا باقار. بەرنا يىگىت - ئالتۇنغا بەرگۈسىز يىگىت. زەبەردەس بىر ئادەم ئىشك باقار ئىكەن. تەمبەل تەنگە باغلىق. گەۋرى بىلەن چېلىشما، بەگ بىلەن ئېلىشما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چىرايى، ھۆسنى، جامالى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشكەن، يارىشىملىق، يېقىملىق.
سەت، خۇنۇك، كۆرۈمسىز، بەتبەشىرە، سۆرۈن تەلەت
چىرايى، ھۆسنى، جامالى، تەلەتى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشمىگەن، يارىشىملىق يېقىملىق ئەمەس.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق. چىرايلىقنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى. كۆرۈپ يۈرگەن چىرايلىقنى ئالغۇچە، كۆرۈپ بىلگەن سەتنى ئال. ئادەم پەقەت ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەس، ئادىمىيلىك جەۋھىرى بىلەن گۈزەل. مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز، ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز. لايىقىڭ خۇنۈك بولسا، قېيىن ئاناڭنىڭ كۆركىدىن نېمە پايدا. گۈزەل قىز ئاقىۋەت سەت موماي بولار. كۆرۈمسىز بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن. خۇنۈكنى پەردازلىساڭمۇ خۇنۈك. دۈشمەننى بەتبەشىرىسى ئاشكارا بولدى. ئالدىمغا بىر سۆرۈن تەلەت خوتۇن چىقتى. ئون سەككىز يېشىڭ - زىبا چېغىڭ، ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
يېزت. ياش، نەۋقىران؛ گۈزەل، قەددى - قامىتى كېلىشكەن.
بۈگۈن ئالدىمغا ھەممە بەرنا يىگىتلەر يىغىلىدىغانغا ئوخشايدۇغۇ؟
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
ياش، ياش قىز؛ چىرايلىق، خۇشپىچىم، قەددى-قامىتى كېلىشكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
بەرناگۈل
ياش، كېلىشكەن ئايال