Uyghur主要词典
بەرمەك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<بىرمەك> كە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆزىدە ياكى يېنىدا بولغان بىر نەرسىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزماق، ئىختىيارىغا تاپشۇرماق.
بېرىپ يامان بولغۇچە، بەرمەي يامان بول (ماقال).
تەمىنلىمەك، تارقاتماق.
دارامەت بەرمەك، مائاش بەرمەك.
ھاسىل قىلماق، نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەك.
ئۈنۈم بەرمەك، پايدا بەرمەك، مېۋە بەرمەك.
بىرەر مۇئەسسەسەگە ياكى ئورۇنغا كىرگۈزمەك، ئورۇنلاشتۇرماق.
يەسلىگە بەرمەك. مەكتەپكە بەرمەك
قەرز ياكى ئۆتنىنى تۆلىمەك؛ قايتۇرماق.
تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي، قەرزدار بولۇپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي (ماقال).
بىرەر تۈس، كۆرۈنۈش، كەيپىيات ھاسىل قىلماق؛ بەخش ئەتمەك، بېغىشلىماق.
ئارام بەرمەك. تەسىر بەرمەك.
نەشر قىلىدىغان نەرسىگە كىرگۈزمەك؛ باسماق، ئېلان قىلماق.
بۇ ماقالىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ 3 - سانىدا بېرىمىز.
ئوقۇتماق، ئۆگەتمەك؛ تەربىيىلىمەك.
سىز بىزگە خۇش خەت بىلەن ھېسابتىن دەرس بېرەتتىڭىز.
(خوتۇن - قىزلار) ياتلىق قىلماق، تالالىق قىلماق، ئەرگە چىقارماق.
ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر (ماقال).
سۇنماق، ئۇزاتماق، ئىلتىپات قىلماق.
ئەكبەر خۇشياقماسلىق بىلەن قولىنى ئۇنىڭغا بەردى.
يوللىماق، ئەۋەتمەك.
تېلېفون بەرمەك. سىگنال بەرمەك. خەت بەرمەك. ئەرز بەرمەك.
بايان قىلماق، ئېيتماق، دېمەك، ئۇقتۇرماق.
رازىلىق بەرمەك. رۇخسەت بەرمەك. ئىجازەت بەرمەك.
ئىگە قىلماق، ئېرىشتۈرمەك.
ۋەزىپە بەرمەك، ئۇنۋان بەرمەك.
ساتماق.
- قانچە پۇلغا بېرىسىز؟ - دېدى ئۇ قوينى كۆتۈرۈپ بېقىپ.
كۆرسەتمەك، ئاڭلاتماق.
بۈگۈن رادىئودا كونسېرت ۋە ناخشا بەردى.
ئايرىم ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
ئەھمىيەت بەرمەك. تونۇشلۇق بەرمەك.
رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. 1( ھەرىكەتنىڭ باشقا شەيئى ئۈچۈن ياكى باشقا بىر كىمگە قارىتىپ ئورۇندىلىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ بولغان ئىشنى خوتۇنىغا دەپ بېرىپتۇ.
2) ھەرىكەت ۋە مەلۇم بىر ئىشنىڭ بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشنى بىلدۈرىدۇ.
مۇشۇ يەردە تۇرۇپ بەرگىنىڭىز بىزنى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرگىنىڭىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
سېخىيلىق، بەرمەك بېرىش