Uyghur主要词典
بىدئەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېڭى پەيدا بولغان ئادەت:
دىنغا خىلاپ يېڭىلىق ۋە كېيىن قوشۇلغان، ئۆرپ - ئادەت:
مېنى قويمادى باققالى ھەر قايان، 1.
بولۇپ فېئلى بىدئەتكە تۈرلۈك زىيان.
ئا. نىزارى.
2. شەرىئەتكە مۇنكىر بولغان بىدئەتلىرى،
كۆزگە ئىلماي مۇبتەدېئدىن قاچار بولغاي.
ئەھمەت يەسەۋى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېڭىلىق، كونا ئەقىدىگە قارشى ئىش.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <يېڭىلىق يارىتىش>، <يېڭىلاش> دېگەنلىك بولىدۇ. كەڭ مەنىدە ئىسلام ئەنئەنىسىدىن چەتنىگەن ھەممە سۆز - ھەرىكەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سۈننەتكە قارىمۇ قارشى مەنىدىكى ئاتالغۇ بوولۇپ، ئوخشىمىغان مەزھەپ، فىقھىيەلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى پەرقلىنىدۇ، ئېنىق ئۆلچىمى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
دىنغا خىلاپ يېڭىلىق، دىندا كېيىن پەيدا بولغان نەرسە.
موللام مۇنداق بىدئەت سوئاللارنى سورىغۇچىلارغا ئىبرەت قىلىش غەرىزىدە غەزەپلىك ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى.