Uyghur主要词典
بازارغا سالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى دەستەك قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ماختانماق، ئۇنى داملىماق.
كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيەتنى تاپسا، سالىدۇ بازارغا. ئۆزەڭدە يوق نەرسىلەرنى زىننەت قىلىپ بىكارلا كوزا - كوزاڭ قىلدىڭ. ئۇ دائىم ساقىلىنى پەش قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) مالنى سېتىش ئۈچۈن بازارغا ئېلىپ بارماق، خېرىدارغا كۆرسەتمەك: يول بويى ۋارقىراپ كېلىۋاتقان قىزىقچىلار ماللىرىنى بازارغا سالىدىغان چار بازارچىلارغا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. (2) باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن بىرەر نەرسىسىنى كۆز - كۆز قىلماق، ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىپ داملاپ يۈرمەك: تۆت ئېشىكى بار ئادەممۇ ئۆزىنى ئېشەكچى دەپ بازارغا سالامدۇ.