Uyghur主要词典
بازار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سودا - سېتىق قىلىنىدىغان جاي، بازار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئاھالە سودا - سېتىق قىلىدىغان مەخسۇس جاي.
مال بازىرى. ئاشلىق بازىرى.
ئاھالە سودا - سېتىق قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس كۈن.
شەنبە بازار، يەكشەنبە بازار. بازار كۈنى.
دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا تاۋار ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇن.
ئىچكى بازار. تاشقى بازار.
كۆچمە. بىرەر جايدىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭ، سۈرەن - چۇقان، تەرتىپسىز ھالەت.
بالىلىق ئۆي - بازار، بالىسىز ئۆي - مازار (ماقال).
ناھىيە مەركىزىدىكى ناھىيىدىن تۆۋەن مەمۇرىي بۆلۈنمە.