Uyghur主要词典
باسسېت
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1928). ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. 1888-يىلى سەنيى (ئامېرىكىدىكى دىنىي ئىنىستىتۇت) ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1894-يىلى خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە دوكتورى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1893 - 1906-يىلىدىن كېيىن سمىت ئىنىستىتۇتىنىڭ تارىخ پروفىسسورى بولغان. ئۇنىڭ <شىمالىي كارولىنا مۇستەملىكىىدىكى قۇللۇق تۈزۈم ۋە قۇل قىلىش. «شىمالىي كارولىنادىكى قۇللۇق تۈزۈم قارشى تۇرغۇچى داھىي»، «فېدېراتىپ تۈزۈم»، «ئاندېرى. جېكسوننىڭ تەرجىمىھالى»، «ئامېرىكا تارىخىدىن ئومۇمىي مەلۇمات»، «بىزنىڭ گېرمانىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشىمىز» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.