Uyghur主要词典
باسسى
دۇنيا تارىخى
(1801 - 1849) ئىتالىيىلىك ۋەتەنپەرۋەر زات، گارىبالدىنىڭ سەپدىشى، ئەسلىدە مىسسىئونېر بولۇپ، 1840-يىلى ھۈرىيەتچىلەرنىڭ تەشەببۇسىغا ئېتىقاد قىلغاچقا، دىنىي ۋەزىپىدىن بىكار قىلىنغان. 1848-يىلى ئاۋسترىيە ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە رىم پالالىقى تەۋەلىكىدە قۇرۇلغان پىدائىيلار قوشۇنىغا كىرىپ، ۋېنېتسىيىنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان. 1849-يىلى رىم جۇمھۇرىيىتىنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان، جۇمھۇرىيەت يوقالغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيىلىكلەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن.