Uyghur主要词典
باسېل خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
يەنى <خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتا ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىتابنامىسى>. 1912-يىل 11-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى شۋېتسارىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ توققۇزىنچى قېتىملىق پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. شۇ ۋاقىتتىكى جاھانگىرلىك ئۇرۇش تەھدىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىزلىشىپ كېتىۋاتقان ئەھۋالىغا ئاساسەن، جاھانگىرلارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، جاھانگىرلارنىڭ ئۇرۇش قوزغاپ تالان - تاراج قىلىشتىكى جىنايى مۇددىئاسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ھەرقايىسى ئەل خەلقلىرىنى بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى <پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىنىڭ روسىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابى ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىدەك> تارىخىي مىساللارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان ھەمدە جاھانگىرلار ئۇرۇش قوزغاشقا پېتىنىدىغان بولسا، ياۋروپا پرولېتارىياتى <كەسكىن تەدبىر قوللىنىدۇ> غانلىقىنى ئىپادىلىگەن. يەنە <ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ مۇقەررەر ھالدا پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا ئېلىپ بادىرغانلىقىنى، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ئالدىدا قورقۇنچلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تىنچلىقنىڭ ئىنتايىن ئىشەنچىلىك كاپالىتى ئىكەنلىكىنى> كۆرسەتكەن. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سوتسىيالىستلارنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشتىكى ۋەزىپىسى ۋە تاكتىكىسىنى بەلگىلىگەن. بۇ خىتابنامە خەلقئارا پرولېتارىياتنىڭ جاھانگلىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشتىكى جەڭگىۋارلىق بايراق ئىدى. لېنىنى <بۇ قارار ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتىكى نۇرغۇنلىغان تەشۋىقات تەرغىبات ھۈججەتلىرىنى يەكۈنلەپ، سوتسىيالىستلارنىڭ ئۇرۇشقا قارىتا كۆز قارىشى ۋە تاكتىكىسىنى ئەڭ توغرا ۋە ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ تەنتەنىلىك ۋە رەسمىي بايان قىلغان> دەپ كۆرسكەتكەن (<لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى> 2- توم خەلق نەشرىياتى 0196-يىلى نەشر 615-بەت). ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى ئاغمىچىلاردىن كائۇتسكى ۋە ۋاندېرۋېلدې قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا پرولېتارىيات ئىنقىلابىي كۈىشىنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ، خىتابنامىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن؛ ئەمما 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاشكارا ھالدا خىتابنامىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز دۆلىتىدىكى جاھانگىرلار تەرىپىدىن تۇرغان.