Uyghur主要词典
باسىل
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 813 - 886 - يىللار) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى، پادىشاھى (867 - 1886). ماكېدونىيە خاندانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى. ماكېدونىيىدە دېھقان ئائىسلىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئوردىغا كېلىپ، پادىشاھ مىخائىل Ⅲ نىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. مىلادى 866-يىلى دۆلەتنى ئىدارە قىلغان. ئىككىنچى يىل مىخائىل Ⅲ نى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى يالغۇز ئىگىلىگەن. 872-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ پائۇلوسچىلارنى باستۇرغان، ئەرەبلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، فرانسىيە ۋە پاپا بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولۇپ، پاپا بىلەن قارىمۇقارشى بولغان كونستانتىنوپولنىڭ ئارخىئېپسكوپى پوتىيۇسنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىغان (867). ئۇرىئا خاندانلىقىنىڭ ئەيسا ئىلاھ ھەيكىلىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، موناستر ۋە چېركاۋلارنى كۆپلەپ سالدۇرغان.
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 958 - 1025) ۋاىزانتىيە ئىمپېراتورى پادىشاھى (976 697 - 1025). رومائىن Ⅱ نىڭ چوڭ ئوغلى. مىلادى 963-يىلى بالىلىق دەۋرىدىلا ئىنىسى كونستانتىن Ⅷ (تەخمىنەن 960 - 1028) بىلەن بىرلىكتە خانلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلغان. 769-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغان. 976 - 979- ۋە 987 - 989-يىلىرى، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بارداس سكېرۇس بىلەن بارداس فواس باشچىلىقىدىكى كىچىك ئاسىيا ھەربىي ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان. خانلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دىندىن سىرت چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ، ئاساسلىق باج مەنبەسى ۋە لەشكەر مەنبەسى بولغان ئەركىن دېھقانلارنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ، ئۇلارنى بەربات بولۇشتىن خالاس قىلغان، سىرتقا قارىتا ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، سۈرىيىگە تەۋە بولغان ئالېپپو شەھىرى بىلەن خومس شەھىرىنى ھەمدە مېسوپوتامىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايىنى قايتىدىن ئىگىلىگەن؛ 30 يىلغىچە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، 1080-يىلى تۇنجى بۇلغار خانلىقىنى يوقاتقان، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ بولغاچقا <بۇلغارلارنى ئۆلتۈرگەن جاللات> دەپ ئاتالغان.