Uyghur主要词典
باشتا شالدۇر شۇلدۇر ئاخىرىدا شىلدىر شىلدىر
领域: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر«باشتا شالدۇر - شۇلدۇر، ئاخىرىدا شىلدىر - شىلدىر»بۇ، بىرەر ئىش - ھەرىكەت دەسلەپتە داغدۇغىلىق باشلىنىپ، ئاخىرىدا ئۈن - تىنسىز جىمىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: - بۇ ئىشنىڭ باشتا شالدۇر - شۇلدۇر باشلىنىپ، ئاخىرىدا شىلدىر - شىلدىر بولۇپ تۈگەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي، - دېدى ئۇ دادىسىغا.