Uyghur主要词典
باش پۇتلۇقلار سىنىپى
بىئولوگىيە
يۇمشاق تەنلىكلەر تىپىدىكى بىر سىنىپ. ئۇلارنىڭ بەدىنى ئوڭ - سول سىممېترىك، باش قىسمى بىلەن گەۋدە قىسمىغا بۆلۈنىدۇ. باش قىسمى تەرەققىي قىلغان، ئىككى يېنىدا تەرەققىي قىلغان كۆزى بولىدۇ. پۇتى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ؛ بىر قىسمى سەككىز، ئون ياكى تېخىمۇ كۆپ بېغىشلارغا بۆلۈنۈپ، بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئايلانما شەكىلدە تىزىلىپ، باش قىسمىغا بىرىككەن بولىدۇ، باش پۇتلۇقلار دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن؛ يەنە بىر قىسمى ئالاھىدىلىشىپ باش بىلەن گەۋدە ئارىلىقىنىڭ قورساق تەرىپىگە جايلاشقان ۋارونكىغا ئايلانغان. سىرتقى غىلاپ پەردىسى مۇسكۇللاشقان بولۇپ شەكلى خالتىغا ئوخشايدۇ، سۇ سىرتقى غىلاپ ئېغىزى ئارقىلىق سىرتقى غىلاپ بوشلۇقىغا كىرەلەيدۇ، سىرتقى غىلاپ پەردىسى قىسقارغاندا قورساق تەرەپتىكى ۋارونكىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىش بىلەن ھايۋان تېنىنى تېز سۈرئەتتە كەينىچە ھەرىكەتلەندۈرىدۇ (كەينىگە چېكىنىپ ماڭدۇرىدۇ)، قۇلۇلە قاپچۇقى ئىپتىدائىي تۈرلىرىدە سىرتقى قاپچۇق (مەسىلەن ناۋتىلوس) بولۇپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان تۈرلىرىدە رۇدىمېنتلىشىپ سىرتقى غىلاپ پەردىسىگە ئۇرۇلۇپ تۇرغان ئىچكى قاپچۇققا ئايلانغان (مەسىلەن، سىياھ بېلىق - كاراكاتسىيە) ياكى پۈتۈنلەي رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن (مەسىلەن، ئوكتوپوس)، نېرۋا سىستېمىسى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولغان <مېڭىسى> بولۇپ، ئادەتتە باش كۆمۈرچىكى قوغداپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۈزۈپ يۈرىدىغان ۋە سۇ تېگىدە ماكانلىشىدىغان گۆشخور ھايۋانلاردۇر.