Chinese→Uyghur主要词典
保加尔人
دۇنيا تارىخى
بۇلغارلار
تۈركىي مىللەتلىرىگە مەنسۇپ قەبىلىلەر توپى. بۇرۇن ۋولگا دەرياسنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمنى ۋادىسىغا تارقالغان. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئاۋارلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچىرىغانلىقتىن، بىر قىسىم بۇلغارلار ئاسپارخنىڭ باشلامچىلىقىدا دوبرودژا ئەتراپلىرىغا يۆتكىلىپ، ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان سلاۋىيانلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. 681-يىلى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 679-يىلى) ئاسپارۇخ بۇلغارلار بىلەن سلاۋىيانلارغا قوماندانلىق قىلىپ، ۋېزانتىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش ئارقىلىق، تۇنجى بۇلغارىيە خانلىقىنى قۇرغان. بۇلغارلارنىڭ ئاھالىسى كۆپ بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن بىر، ئىككى ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا سلاۋىيان تىلىنى قوبۇل قىلىپ، سلاۋىيانلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن <بۇلغارلار> دېگەن بۇ نام ئەسلىدىكى بۇلغارلارنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى بۇلغارلارنى قوشۇۋالغان جەنۇبىي سلاۋىيانلارنى كۆرسىتىدىغان بولغان.
ئۇنىۋېرسال
bǎo jiā ěr rén
بۇلغارلار