Chinese→Uyghur主要词典
保加利亚农民联盟
دۇنيا تارىخى
بۇلغارىيە دېھقانلار ئىتتىپاقى
بۇلغارىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرىنىڭ سىياسىي پارتىىسى. 1898-يىلى ئېئوردا پېكارېۋنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان. 1899-يىلى 12-ئايدا پلېۋېندا رەسمىي قۇرۇلغان. 1901-يىلى ئىتتىپاقنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئىتتىپاقنى پارتىيىگە ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنىڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي زۇلمىغا ۋە ئىقتىسادىي ئېكسىپلاتاتسىيىسىگە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۈزۈل - كېسىل بولغان دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى قارار قىلغان. كېيىن، ئىتتىپاقنىڭ داھىيلىرى مۇستەقىل دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت خاتا شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئىشچىلار بىلەن بىرلىشەلمەي، بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ 1919-يلىنىڭ ئاخىرىدىن 1920-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.