Uyghur主要词典
بال قارىغاي
بىئولوگىيە
قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ قوۋزىقى كۈل رەڭ بولۇپ، تەڭگىسىمان تۆكۈلىدۇ، ئۇزۇن - قىسقا شاخقا ئايرىلىدۇ. يوپۇرمىقى تەتۈر تۆمۈنسىمان يىپ شەكىللىك بولۇپ، ئۇچى ئۇچلۇق ياكى ئۆتمەس، ئۈستۈنكى يۈزىدە ئوتتۇرا تومۇرى كۆتۈرۈلۈپ چىقمايدۇ، 1 - 2 ھاۋا تۆشۈكچە سىزىقى بولىدۇ؛ ئاستىنقى يۈزىدە ئوتتۇرا تومۇرنىڭ ئىككى يېنىدا 2 - 3 يول ھاۋا تۆشۈكچە سىزىقى بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىسقا شاخنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ. يوپۇرماق بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلىدە ئاتىلىق شارچە گۈلى تىك ئۆسىدۇ، كەينىگە ئېگىلىدۇ، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى كۆرۈنمەيدۇ. ئۇچى ئۇچلۇق بولىدۇ. شارچە مېۋىسى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق، ئۇرۇق تەڭگىچىسى بەش بولۇڭلۇق تۇخۇمسىمان، ئۇچى كېسىك تاسمىسىمان يۇمىلاق، ئازراق يۇمىلاق بولۇپ، ئاچ قوڭۇررەڭ سىزىقلار بولىدۇ؛ ئۇرۇق قانىتىنىڭ تۆۋەن قىسمى كەڭ، يۇقىرىقى قىسمى يانتۇ ئۈچبۇرجەك، ئۇچى يۇمىلاق كۆتمەك بولىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ئورمانلىق رايونىدىكى ئاساسلىق دەرەخ بولۇپ، چوڭ - كىچىك ھىنگان تاغلىرىغا تارقىلىدۇ. ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ ھەر خىل مۇھىتتا ئۆسەلەيدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى بىر ئاز ئېغىز، قاتتىقلىقى مۇۋاپىق بولۇپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ قوۋزىقىدىن يېلىم، غولىدىن دىۋىرقاي ئاجرىتىپ ئېلىنىدۇ؛ ئۇرۇقى تەركىبىدە %18 ماي بولۇپ، سىرنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ.