Uyghur主要词典
بالفۇر خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىيلار ماكانى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇس. 1917-يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بالفۇر يەھۇدىي قىساسچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بانكىر روتچىل (1868 - 1937) غا خەت يېزىپ، <ئەنگلىيە كورۇل جانابلىرى ھۆكۈمىتى پەلەستىندە يەھۇدىيلار ئۈچۈن مىللىي زېمىن قۇرۇپ چىقىشنى قوللايدۇ ھەمدە بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، لېكىن پەلەستىندە ھازىر تۇرۇۋاتقان غەيرىي يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە دىنىي ھوقۇقىغا ھەرقانداق دەخلى - تەرۇز يەتمەسلىكى كېرەك>دەپ جاكارلىغان. بۇ خەت كېيىن <بالفۇر خىتابنامىسى> دەپ ئاتالغان. بۇ، ئەنگلىيىنىڭ <بۆلۈپ ئىدارە قىلىش> ۋاستىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەملىكىچىىلك ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پەلەستىندە ئەرەبلەر قارىمۇقارشى بولغان يەھۇدىيلار ماكانىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكىمۇ بۇ خىتابنى ئېتىراپ قىلىدىغانىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىندىكى يەھۇدىي ئاھالىلىرى تېزلىكتە كۆپەيگەن.