Uyghur主要词典
باغ مۇئەللەق
دۇنيا تارىخى
ئاسما باغچا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېڭى بابىلون دەۋرىدىكى مەشھۇر باغ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يېڭى بابىلون دەۋرىدىكى مەشھۇر باغ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يېڭى بابىلون پادىشاھى نيۇچادنېززار Ⅱ (تەخمىنەن مىلادىدىن 562 - 605 يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) خانىكە مىدىيەنىڭ كۆلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان. باغچا تۆت قەۋەتلىك توپا دۆڭلۈك بولۇپ، تۈۋرۈكلەر ئارقىلىق تىرەپ قويۇلغان، ئېگىزلىكى 25 مېتىر كېلىدۇ. دۆڭلۈكنىڭ ئۇلى تاش بولۇپ، ئۈستىگە خىش ياتقۇزۇلغان ھەمدە ئاجايىپ گۈل - گىياھلار ۋە دەل - دەرەخلەر تىكىلگەن، يىراقتىن قارىسا باغچا خۇددى مۇئەللەق تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ تۇربىسى ۋە سۇ پومپىلىرى ئورنىتىلغان. قەدىمكى يۇنانلىقلار باغ مۇئەللەقنى دۇنيادىكى <يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى> دەپ قارىغان.