Uyghur主要词典
باغلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىپ، تانا، ئارغامچا قاتارلىقلار بىلەن قاتتىق ئورىماق.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن. بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس، پېتىۋاتقان كۈننى بوغقىلى بولمايدۇ. تۈكۈڭنى تاڭ، تاڭ ئاتقاندا ماڭ. چىرمىغانغا چىدىمىساڭ، چىنەكگە چىدا. بۇ ئاپامنىڭ تۈگكەن تۈگۈچى. قوزىلارنى قوشاقلاپ قوي. چىگىدە چىگكەننى چەدو بىلەن يەش. ئۇ دۈشمەننى ماتاپ تاشلىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىقماق، قىزىقسىنماق.
قېرىلىقىغا زوقلانما، ئەخلاقىنى ھۈرمەتلە. ھەقىقەتنىڭ يېڭىشىدىن شوقلان. بىلىمگە ئىشتىياق باغلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئادەم، ھايۋان ۋە نەرسىنى يىپ، ئارغامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن چاتماق، قاچالماس، چېچىلماس قىلىپ قويماق.
يەشمەك ، بوشاتماق، باغلاق، تۈگەك، چىگىك، تېڭىق
نەرسىلەرنى بوش، ئەركىن قىلماق.
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. غۇلىغان تاغنى ئارغامچىدا باغلىغىلى بولماس. ئۆزۈڭ تۈگكەن تۈگۈننى ئۆزۈڭ يەش. باغلىماق ئاسان، يەشمەك تەس. ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى. چىگكەن چىگىشنى يەشمەك قىيىن. باغلاقلىق قويلارنى بوشىتىۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باغ، تۈگۈن سېلىپ ئۇلىماق؛ چىگمەك.
بەتىنىكىنىڭ بوغقۇچىنى باغلىماق.
ئارغامچا، باغلىق، بوغقۇچ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىرەر نەرسىنى قىمىرلىيالمايدىغان قىلىپ تاڭماق.
بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس (ماقال).
تىلسىز ئادەمنى باغلىغىچە ئىزا تارتساڭچۇ! مانا مەندەك ئادەمنى باغلاڭلار.
ئورناتماق، تۇرغۇزماق، تىكلىمەك.
مۇھەببەت باغلىماق.
مۇناسىۋەتلەشتۈرمەك، يېقىنلاشتۇرماق، چېتىشتۇرماق.
مەسىلىلەرنى بىر - بىرىگە باغلاپ قاراش كېرەك.
قونماق، قاپلىماق.
شىرنە باغلىماق.
ياسىماق.
سۇپا باغلىماق.
ئەسىر قىلماق، مەپتۇن قىلماق، ئۆزىگە قارىتىۋالماق.
- چىرايلىق يۈزۈڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە باغلىدىڭ.
ئەتمەك، ياپماق، توسىماق، تاڭماق.
جاللات كېلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپتۇ.
توسماق، تۇتماق، باشلىماق.
سۇ باغلىماق.