Uyghur主要词典
بابۇر
دۇنيا تارىخى
<巴卑尔>.
دۇنيا تارىخى
(1483 - 1530). ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى زاھىرىددىن. بابۇر ئۇنىڭ لەقىمى بولۇپ، <يولۋاس> دېگەن مەنىدە. تېمۇرنىڭ ئەۋلادى. 1494-يىلى پەرغانىدە خان بولغان، بىر مەھەل سەمەرقەندنى ئىشغال قىلغان. 1501-يىلى شەيبانى خان تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، خانلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويغان. 1504 - يىلى كابۇلنى بېسىۋالغان. 1525-يىلى ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلپ، 1526-يىلى پانىپان جېڭىدە لودى خاندانلىقىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىنىپ، دېھلىنى ئىگىلەپ، دېھلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، موغۇل خانلىقىنى قۇرغان. ئىككىنچى يىلى كاننۇيادا ھىندىستاندىكى بەگلەر بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىنكى نەچچە يىلدا شىمالىي ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، موغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئاساس سالغان. ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەتنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يازغان <بابۇرنامە> مەشھۇر ئەدەبىي تارىخىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بىر خىل ھايۋان ئىسمى (شىر)؛ بىر خىل ئۆسۈملۈك نامى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قاپلان؛ ئۇلۇغ، يۈكسەك، بۈيۈك؛ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان ئادەم