Uyghur主要词典
بابەك قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
مىلادى 816 - 837-يىللىرى ئەزەبەيجان خەلقىنىڭ ئەرەب فېئودال ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى قوغىلىڭى. رەھبىرى كۇررام مەزھىپىنىڭ باشلىقى بابەك بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭچىلار كۇررام مەزھىپىنىڭ تونىنى كىيىپ، بەبەكنى ئىلاھنىڭ نامايەندىسى دەپ تەرغىپ قىلغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقۇچىلار دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە قۇللار بولۇپ، ئۈچ يۈزمىڭغا يەتكەن، ئۇلار قىزىل يەكتەكنى بەلگە قىلغاچقا، قىزىل يەكتەكلىك قوشۇن دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭ ئەزەربەيجاننى مەركەز قىلىپ شەرقىي ئەرمەنىستان ۋە غەربىي ئىرانغىچە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار خەلىپە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى ئۈچ قېتىم تارمار قىلىپ (820 -، 823 -، 827 -يىللار)، كۆپلىگەن رايونلارنى ئىگىلىگەن؛ باج - سېلىقلارنى بىكار قىلىپ، يەرلەرنى يېزا كوممۇنالىرىغا تاپشۇرۇش بەرگەن. كېيىن ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ فېئوداللارنىڭ يۈز ئۆرۈشى تۈپەيلى، قوزغىلاڭنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان. 833 - يىلى، قوزغىلاڭچى قوشۇن ھەمەدان ئەتراپىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، 60 مىڭ ئادەم چىقىم بولغان. 837-يىلى، قوزغىلاڭنىڭ مەركىزي بولغان باس قورغىنى بىر يىلدىن كۆپرەك مۇھاسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، قولدىن كېتىپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى بابەك ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ئەزەر بەيجان قوزغىلىڭى> مۇ دېيىلىدۇ. ئەزەربەيجاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ قوزغىلاڭغا ياغ سودىگىرى بابەك (؟ - 837) 816 - يىلىدىن 837 - يىلىغىچە رەھبەرلىك قىلدى. بابەك خۇراسان رايونىدىكى غۇلامىيەنىڭ باشلىقى ئىدى. دەسلەپ ئەرران رايونىدا تەشۋىق - تەرغىب قىلىپ، قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇردى. يەرلىك ھەربىي ھۆكۈمەت ئەمەلدارى يەھيا بىننى مۇئاھ 819 - 820 - يىللىرى ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرۇپ، نەتىجە قازىنالمىدى. خەلىپە مۆئتەسىم (833 - يىلىدىن 842 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) يىراققا يۈرۈش قىلىدىغان قوشۇن ئەۋەتتى. بۇ قوشۇن ماراگا تاغلىق رايونىدا قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. كېيىن ئىككى تەرەپ تىركىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. خەلىپە قوشۇنى بەسرە ۋە فەرغانە قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ بازىلىرىنى تۈزلىۋەتتى. بابەك قېچىش داۋامىدا ئەرمىنىيەنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ساھىل سۇباتنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، خەلىپە قوشۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ قېلىپ، خەلىپە قوشۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، مۇئتەسىم كەڭچىلىك قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، ئۇنى پىلغا دەسسىتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قالدۇقلىرى كۈرەشنى 20 يىل داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئاخىر سۇلالە تەرىپىدىن يوقىتىلدى.