Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زىخچە بېلىق
بىئولوگىيە
文昌鱼
wénchāngyú
<لىماكس بېلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باش خوردىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى. باش خوردىلىقلار سىنىپىغا كىرىدۇ. تېنى يېنىغا ياپىلاق، ئۇرچۇق شەكلىدە، يېرىم سۈزۈك، كىچىك بېلىقلارغا سەل ئوخشايدۇ. باش قىسمى ئېنىق بولمايدۇ (مېڭە ۋە سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى روشەن ئەمەس). شۇڭا باشسىزلارغا تەۋە. خوردىسى ئۆمۈر بويى ساقلىنىدۇ، دۈمبە نېرۋا نەيچىسىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن. يۇتقۇنچاق ژابرا يېرىقچىلىرىنىڭ سانى كۆپ، بەدىنىنىڭ ئالدى ئۇچىنىڭ قورساق تەرىپىدە نېپىز پەردىسىمان ھالقا شەكىللىك ئېغىز قالپىقى بولۇپ، ئۈستىگە 36 - 50 تال سېزىش بارماقلىرى ئۆسكەن، ئومۇرتقىسى ۋە پۇتى يوق. يۈرىكى پەقەت سوقالايدىغان قورساق قان تومۇرىدىن ئىبارەت، قان سۇيۇقلۇقى رەڭسىز، كۆپىيىش بەزلىرى بوغۇملار بويىچە تىزىلغان. چىقىرىۋېتىش ئورگىنى نۇرغۇنلىغان بۆرەك نەيچىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارمۇ بوغۇملار بويىچە تىزىلغان. تېرىسى بىر قەۋەت ھۈجەيرىلىك سىرتقى تېرە بىلەن قېتىشما كوللوئىد ھالىتىدىكى ھەقىقىي تېرىدىن تەركىب تاپقان. مۇسكۇلىنىڭ بوغۇملىنىش ھادىسىسى روشەن، مۇسكۇل بوغۇم سانى زىخچە بېلىقلارنى كلاسسىفىكاتسىيىلەشتىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تېيىز دېڭىزلاردىكى يىرىك، بوش قۇملۇق ساھىللارغا ماكانلىشىدۇ، ئانچە ئۈزەلمەيدۇ. لەيلەپ يۈرگۈچى جانلىقلار، كرېمنىيلىق يۈسۈن قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى. يەككە جىنسلىق، 6 ~ 7 - ئايلاردا سۇغا تۇخۇم سالىدۇ، ئىككىنچى كۈنىلا ئەركىن ئۈزەلەيدىغان بالا تەنە بولۇپ يېتىلىپ، بىر يىلدىن كېيىن جىنسى يېتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ شيامېن، چىڭداۋ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنىڭ تەمى مەززىلىك، قۇرۇتۇلغان راكقا ئوخشاش بولۇپ، بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. زىخچە بېلىقتا ھەم خوردىىق ھايۋانلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ ھەم ئىچكى ئورگان تۈزۈلۈشى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. شۇڭا زوئولوگىيىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.