Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
祖先崇拜
دىن
zǔ xiān chóng bài
ئەجداد ئېتىقادچىلىقى، ئەجداد ئەرۋاھى ئېتىقادچىلىقى
دۇنيا تارىخى
ئەجدادلارغا چوقۇنۇش
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تارتىپ باشلانغان بىر خىل ئېتىقاد نۇقتىئىنەزەرى ۋە رەسىم يۇسۇنى. ماترىئارخاللىق دەۋرىدە بارلىققا كېلىپ، پاترىئارخال تۈزۈمى ئورنىتىلغان پاترىئاخاللىق دەۋرىدە ئەۋج ئالغان. ئىپتىدائىي توتېمغا چوقۇنۇش مەزگىلىدە، ئەجدادلارغا چوقۇنۇش ئامىللىرى مەۋجۇت بولغان. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم بىلەن باشقا ھايۋانلارنىڭ ئەجدادى بىر دەيدىغان نۇقتىئىنەزەر تەدرىجىي ئۆزگەرگەن. پاترىئاخال تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى (مېتال قورال دەۋرى) كىشىلەرنى قانداشلىق نەسەبكە قارىتا بىرقەدەر روشەن تونۇشقا ئىگە قىلغان. ئاتلىق ئۇرۇق ياكى جەمەت باشلىقى كۈنسايىن شۇ ئۇرۇقنىڭ ۋەكىلى ۋە پاناھىغا ئايلانغان، نەتىجىدە ئۇ ھايات ۋاقتىدا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىندىغان، ئۆلگەندىن كېيىن نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىدىغان بولغان. يەنى، ئۆلگەن ئۇرۇق باشلىقى ھامان شۇ ئۇرۇقنىڭ ياكى جەمەتنىڭ بەخت - سائادەت تېپىپ گۈللىنىشىنىڭ نامايەندىسى ۋە ھامىيسى سانىلىدىغان بولغان ھەمدە كىشىلەر ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئەرۋاھى ۋە ھەيكىلىگە تاۋاپ قىلىش ۋە ۋاقتى - ۋاقتىدا نەزىر - چىراغ ئۆكتۈزۈشتەك خىلمۇخىل رەسىم - يوسۇنلار بارلىققا كەلگەن. كېيىنچە، بەزى جايلاردا ئەجدادلارغا چوقۇنۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەرلىك ئىلاھقا، ھەتتا دۆلەتنىڭ ھامىي ئىلاھقا چوقۇنۇش ئادەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، بۇ خىل دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتى سىنىپىي جەمئىيەتتە ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ، فېئودالىزم جەمئىيىتىە فېئودال - پاترىئارخاللىق تۈزۈمنى قوغداپ، ئۇرۇقداشلىق ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەيدىغان بىر خىل قورالغا ئايلانغان.