Uyghurئاساسىي لۇغەت
زۇرىش
بىئولوگىيە
شۋېتسارىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت، مەدەنىيەت مەركىزى. زۇرىش شەھىرى زۇرشى كۆلىنىڭ غەربىي شىمال ياقىسىغا، لىممات دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 700 مىڭدىن ئاشىدۇ. زۇرشى شەھىرى ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ سودا ۋە مەمۇرىي مەركەزگە ئايلانغان. 1218 - يىلى شەھەرلىك بىرلەشمە بولۇپ قۇرۇلغان. 1351 - يىلى شۋېتسارىيە بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان. ھازىر ئۇ، خەلقئارا ئەھمىيەتكە ئىگە سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شۋېتسارىيە بويىچە ئالاھىدە مۇھىم سانائەت مەركىزى، ياۋروپا بويىچە لوندۇندىن قالسا ئىككىنچى چوڭ پۇل - مۇئامىلە مەركىزى. ئۇنىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۆلەتتىكى ماشىنىسازلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4/1 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇڭ، يىپەك توقۇمىچىلىق، خىمىيە، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، قەغەز، نەشرىياتچىلىق، سانائەت ئورۇنلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. زۇرىشتا 1833 - يىلى قۇرۇلغان زۇرىش داشۆسى، شۋېتسارىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇملاشقان سانائەت شۆيۈەنى، كۇتۇپخانا، 1898 - يىلى قۇرۇلغان مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار بار. زۇرىشنىڭ قۇرۇلۇشى رەتلىك، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا خەلقئارا يىغىنلار كۆپ ئېچىلىدۇ. شەھەر ئىچىدە يەنە ئوتتۇرا ئەسىردە قۇرۇلغان چېركاۋلار، كونا قەلئەلەر، فونتان بۇلاقلار ۋە باشقا تارىخىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ.