Uyghurئاساسىي لۇغەت
زۇننۇن مىسرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 796 - 861)تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. يۇقىرى مىسىردا دۇنياغا كەلگەن. تېبابەتچىلىك، كىمىياگەرلىك، سېھىرگەرلىك ئۆگەنگەن ۋە قەدىمكى گرېك تىلىنى ئۆگەنگەندە. مەككە، دەمەشىق قاتارلىق جايلارغا بېرىپ دەرۋىشلەرنى زىيارەت قىلىپ، كېيىن دەرۋىش بولغان. ئەنئەنىچىلەرنىڭ <>قۇرئان كەرىم< يارىتىلغان ئەمەس> لىكى توغرىسىدىكى قارىشىنى قوللىغانلىقتىن، مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ دۈشمەنلىك قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا باغداتتا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سېلىندى. تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، مىسىرغا قايتىپ كېلىپ، قاھىرەنىڭ يېنىدىكى جىزادا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلار كۆپ. ئۇنىڭ سېھىرگەرلىك ۋە كىمىياگەرلىك كىتابلىرى ھازىرغىچە قولدىن - قولغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ. زۇننۇن مىسىرى تەسەۋۋۇپچىلىقنى تۇنجى بولۇپ چۈشەندۈرگەن ۋە سوپىزملىق مەئرىفەنى سىستېمىلىق شەرھىلىگەن ئادەمدۇر. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ئاللانىڭ يولىدا مېڭىش ۋە ھەرىكەتنى، روھنى تەھلىل قىلىش، بىلىم بىلەن ئىلاھىي سۆيگۈدىن ئىبارەت ئۈچ تېمىنى دەۋر قىلىدۇ. ئاللا بىلەن ئاللاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇلغان سۆيگۈ ئاللا بىلەن بىرلىشىپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ كەتمەسلىكنى تەكىتلىدى. بىلىش مۇنداق ئۈچ قاتلاملىق بولىدۇ: ئادەتتىكى بەدىلەر بىرلىشىپ كېتىشنىلا بىلىدۇ، ئۇلۇغ دانالار ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىدۇ. ۋەلى - ئەۋلىالار ئاللانىڭ يەككە سۈپىتىنى بىلەلەيدۇ. ھەقىقىي بىلىم ئاللانىڭ ئىچكى نۇرىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئاللاھغا دىلىدىن شاھىد بولالىغان ئەۋلىيالارغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۇ قاراش ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەھىد ئەل شۇھۇد بىلەن ۋىسالۇل ھەقكە ئاساس سېلىپ بەردى. ئۇنىڭ قۇتاب نەزەرىيىسى بىدئەتلىك، دەپ قارالغانلىقتىن، باغداتتا تۈرمىگە سېلىندى. ئۇنىڭ تەلىماتى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەندى. زۇننۇن مىسىرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن پاساتىنغا دەپنە قىلىندى.