Uyghurئاساسىي لۇغەت
زۇلۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
زۇلۇلار ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغۇچى ئەڭ چوڭ نېگىر قەبىلىسىنىڭ بىرى بولۇپ، <ئامازۇلۇلار>، <زۇلۇسلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 2.96 پىرسەنتى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتال ئۆلكىسىدە (8 مىليون 450 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىر قسىمى لېسوتونىڭ شەرقىي قىسمى (150 مىڭ)، سۋازىلاندىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى (50 مىڭ) دا دا تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 9 مىليون 340 مىڭ بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
زۇلۇلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى، نېگىر - كونگو تىللىرى (شەرقىي جەنۇبىي بانتۇ تىللىرى) گۇرۇپپىسغا تەۋە زۇلۇ تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
زۇلۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
زۇلۇلار دېھقانچىلىق، چارۋىچلىق ئارىلاشما ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىندۇ، زۇلۇلارنىڭ ئەرلىرى چارۋا باقىدۇ، ئاياللىرى تېرىقچىلىق قىلىدۇ، ئاساسەن بۇغداي، قوناق ۋە پۇرچاق تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقى كالا، قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
زۇلۇلار جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى ئەڭ چوڭ مىللەتلەر گۇرۇھى بولغان شەرقىي جەنۇبىي بانتۇلارنىڭ شىمالىي تارمىقىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇلار بىھاكو، بېھېلې، فىنگو، ملۇبى، زىزى قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
زۇلۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادى Ⅲ - Ⅱ ئەسىرلەردە لىمپوپو دەرياسى بويلىرىدا ياشاپ، Ⅴ - Ⅹ