Uyghurئاساسىي لۇغەت
زۇلپىقار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر بىسلىق ئۇزۇنچاق قورال.
قىلىچ قىنىدا ياتسا باسىدۇ. ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ. تىل شەمشەردىن قاتتىق تېگەر. ئۇرۇشتىن كېيىن شەمشەر سوقۇپتۇ. تىزلىنىپ تۇرغان دۈشمەنگە زۇلپىقارىڭنى تۇتقۇزما.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىككى بىسلىق قىلىچ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى زۇلپىقارنىڭ ئەسلى ئىسمى - غولام ئىمىن، زۇلپىقار- ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى. زۇلپىقار 1956 - يىل 5 - ئايدا ھازىرقى ئاتۇش شەھىرىنىڭ شورۇق كەنتىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1964 - يىلدىن 1975 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بىناكارلىق ئىشچىسى، ۋودپروۋود تېخنىكى، تەرجىمان، دىرېكتور بولۇپ ئىشلىگەن.
زۇلپىقارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 70 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان.كېيىنچە ئۇ پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. زۇلپىقارنىڭ <ئۇ ھېلىھەم جەڭدە>، <يوقالغان گۆھەر>، <سادا>، <بىسى يانغان شەمشەر>، <قۇناقلىقتا> قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلىرى خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان.
زۇلپىقارنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئۇ ھېلىھەم جەڭدە> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <يوقالغان گۆھەر> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <سادا> (1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <بىسى يانغان شەمشەر> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى بار.
زۇلپىقار شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.