Uyghurئاساسىي لۇغەت
زىرە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھالقا، سىرغا، ئالبۇرغا
ئالتۇن زىرە، كۈمۈش زىرە قىزلارغا يارىشىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بىر خىل ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقى. ئۇ پۇراقلىق بولىدۇ. دورا ياكى تەم تەڭشىگۈچى دورا - دەرمان قاتارىدا ئىشلىتىلىدۇ.
زىرە سالمىغان كاۋاپنىاڭ تەمى يوق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
« زىر» گە قاراڭ.
ئانىڭ ھەربىر سۆزى كەلدى قۇلاقىمغە بولۇپ زىرە،
بۇ كۆڭلۈم دەر بەدەر ئىزدەر تاپائالماي قايان كەتتى.
موللا سالېھ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇلاققا تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمى. ئالتۇن، كۈمۈش، ۋە باشقا ئېسىل نەرسىلەردىن ياسىلىدۇ.
<سۆكە> قەشقەر شېۋىسىدە، <ئىڭڭىلىك> لوپنۇر دىئالېكتىدا، <يىگىنە> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئىنەك سېتىپ ھالقا ئالغان ئەخمەق. زەردىن زىرە تاقىغۇچە، ئىشلەپ زەر تاپ. سىرغا سىرىلغا چۈشمەيدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، زىرىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈك تېنىدىن كۈچلۈك پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ؛ غولى تىك، ئۈستى شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۈچ - تۆت قېتىم قايتىلىنىپ، پەيسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈلى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە بولۇپ، رەڭگى سېرىق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى (شاكالسىمان دېنى) ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئاشقازاننى قىزىتىش، جىگەر ۋە ئۈچەينى كۈچلەندۈرۈش، يەل تارقىتىش، بۇزۇق ماددىلارنى يوقىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 6 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
زىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كاپ ئېتىپ بەرسە، ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، ئاغرىپ ھەزىم بۇزۇلۇش، ئىچى سۈرۈش، سۆزنەك، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز تۇتۇلۇش، جىگەر، ئاشقازان، بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى زىرىنى تەڭ مىقداردىكى چىڭگىلىك يىلتىزى بىلەن بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككى گرام زىرىنى ئىككى گرام ئاچچىق ئانار رۇبى، ئىككى گرام ۋاسالغۇ بىلەن قوشۇپ سوقۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قۇسۇشنى توختىتىپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى زىرىنى جەمبىل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چىش ۋە گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىرە، سۆرۈنجان ۋە زەنجىۋىلنىڭ ھەر بىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يېڭى سېغىلغان سۈت ۋە شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە، باھنى قوزغاپ، بوغۇم كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۆسۈملۈك تېنىدىن كۈچلۈك پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى دورا ياكى تەم تەڭشىگۈچى ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاياللار قۇلىقىغا تاقايدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى، ئادەتتە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس قاتارلىق مېتاللاردىن ياسىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
زىرىخان، زىرىگۈل
بىر خىل ئۆسۈملۈك نامى(بۇ يەردە زىرىدەك خۇش پۇراق دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)