Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زوئولوگىيە
بىئولوگىيە
动物学
dòngwùxué
بىئولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ھەر قايسى تۈركۈملىرىنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھاياتلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى، بۇ قانۇنىيەتلەرنى شەرھلەپ ۋە ئىگىلەپ، ھايۋانلارنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش، ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. زوئولوگىيە دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاساھەن ھايۋانلارنىڭ مورفولوگىيىسى بىلەن تۈر ئايرىمىسىنىلا تەسۋىرلەشكە قارىتلغانىدى. يىگىرمىنچى ئەسىردىن كېيىن، تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجىي ھالدا كۆزىتىپ تەسۋىرلەش باسقۇچىدىن تەجرىبە باسقۇچىغا ئۆتۈپ، ھايۋانلار دۇنياسىنىڭ ھاياتلىق ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىدىغان بولدى. زوئولوگىيىنى تەتقىقات مەزمۇنى ۋە ئوبيېكتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كۆپلىگەن تارماق پەنلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى ھايۋانلار مورفولوگىيىسى، ھايۋانلار تاكسونومىيىسى، ھايۋانلار ئېمبرىئولوگىيىسى، ھايۋانلار فىزىئولوگىيىسى، ھايۋانلار ئېكولوگىيىسى، ھايۋانلار جۇغراپىيىسى، پارازىتولوگىيە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار زوئولوگىيىسى (ئىپتىدائىي ھايۋانلار زوئولوگىيىسى ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار زوئولوگىيىسى (ئىختىئولوگىيە، ئورنىتولوگىيە، سۈت ئەمگۈچىلەر زوئولوگىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە باشقىلار.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
dòng wù xué
动物学
مائارىپ,تېببىي,ئۇنىۋېرسال
动物学
dòng wù xué