Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
奏梯利
دۇنيا تارىخى
گېنتېلې
(1875 - 1944) ئىتالىيىلىك پەيلاسوپ، يېڭى گېگېلچى. سىتسىلىيىدە تۇغۇلغان. 1898 - يىلى پىسا داشۆسىدە دوكتۇر بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1898 - 1944 - يىللىرى نېئاپول، پالېرمو، پىسا، رىم قاتارلىق جايلاردا داشۆ پروفېسسورى بولغان. 1903 - 1922 - يىللىرى كروكې بىلەن بىرلىكتە <تەنقىد> نى چىقارغان. 1922 - 1924 - يىللىرى جامائەت مائارىپ مىنىستىرى بولغان. 1925 - يىلى <فرانسىيە زىيالىيلىرى خىتابنامىسى> دېگەن ئەكسىيەتچىل ھۆججەتنى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەيئىتىدىكى ئىككى رەئىسنىڭ بىرى بولغان. شۇنداقلا يېڭى ئىتالىيە قامۇسنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. فاشىستلار مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناتسىست گېرمانىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىشتا تەرسالىق بىلەن چىڭ تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پارتىزانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ، روھ تارىخنى ياراتقان، پەلسەپە روھنىڭ تارىخى، دۇنيانىڭ ياراتقۇچىسى؛ دۆلەت باشلىقىنىڭ ئىرادىسى روھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئۇ تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، دېگەننى تەرغىپ قىلغان؛ شۇڭا ئۇ فاشىستلار پەيلاسوپى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ <پېداگوگىكا ھەققىدە ئومۇمىي بايان>، <سەنئەت پەلسەپىسى>، <مېنىڭ دىنىم> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.