Uyghurئاساسىي لۇغەت
زورو ئاستېر دىنى
دۇنيا تارىخى
يەنى ئاتەش دىنى ياكى پېرسىيە دىنى، رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇنى ئىرانلىق ئەۋلىيا زورو ئاستېر كەشىپ قىلغان، قەدىمكى ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىغا تارالغان. ئاخۇرا مازداغا چوقۇنغان، لېكىن بۇت ياسىمىغان، ئىبادەتخانا سالمىغان. <ئاۋېستا> ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمونى دىنىي رىۋايەت، ئەمرىمەرۇپ، مەدھىيە، دۇئا - تىلاۋەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ دىنىي ئەقىدىسى: ئالەمدە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچنىڭ كۈرىشى بولۇپ تۇرىدۇ، ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئاخۇرامازدا (يۇنان تىلىدا ئورمۇزد) ياخشىلىق ۋە يۇرۇقلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ياخشىلىق بىلەن يۇرۇقلۇق ئاخىرى يامانلىق بىلەن قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، ئوت بولسا ياخشىلىق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مۇراسىمى <مۇقەددەس ئوت> قا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، بارلىق چوڭ دۇئا - تىلاۋەت ئىشلىرىدا مۇقەددەس ئوت ياقىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا دارىئۇسⅠ زورو ئاستېر دىنىنى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت دىنى، ئاخۇرا مازدانى ئالىي ئىلاھ ھەمدە مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ بېكىتكەن. ماگۇس مۇشۇ دىننىڭ كاھىنىنىڭ نامى. زورو ئاستېر دىنى كېيىنكى ۋاقىتتىكى خرىستىئان دىنىنىڭ شەكىللىنىشىگە مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە جۇڭگوغا كىرگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چاڭئەندە (مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا) ئىبادەتخانا قۇرۇلغان، ئۇ ئاتەش دىنى، ئاتەشپەرەسلىك دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى كۈندە ئىراننىڭ بىرقىسىم رايونلىرىدە ۋە ھىندىستاندىكى بومبايدا ئاز ساندىكى ئاتەشپەرەس مۇرىتلىرى بار.