Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زورلۇق پەرمانى
دۇنيا تارىخى
强制法令
qiáng zhì fǎ lìng
ئەنگىلىيە 1774 - يىلى بوستون چاي پارتىيىسى دېلوسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئېلان قىلغان باستۇرۇش پەرمانى. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسىدىكى خەلق ئۇنى «چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان پەرمان» دەپ ئاتىغان. مەزمۇنى: (1) بوستون پورتىنى قامال قىلىپ، چاينى تۆكۈۋېتىشتىن كۆرۈلگەن زىياننى تۆلەپ بېرىشتىن ئىلگىرى سودا قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق؛ (2) ماسساچۇسېت ئاپتونومىيە نىزامى ۋە شتات ئاساسىي قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەنگلىيە بىۋاستە باشقۇرۇش؛ (3) 1765 - يىلقى گازارما نىزامىدا بەلگىلەنگەن ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ تۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەركىن ھالدا تۇرۇشقا ئۆزگەرتىش؛ (4) ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە، ئەنگلىيە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بولماسلىق؛ (5) «كۇئېبېك نىزامى» نى تۈزۈش. بۇ پەرماننىڭ ئېلان قىلىنىشى ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.