Uyghurئاساسىي لۇغەت
زورلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ ھالەت.
موزاي قوزۇققا چوڭلۇق قىلار. زورلۇق ئەقىللىق دېگەنلىك ئەمەس. كاتتىلىق كاتتىباشتىن ئۇلۇغ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يولسىزلىق، كۈچىگە تايىنىپ، باشقىنى ئېزىش.
ئۆزۈڭدىن تۆۋەنلەرگە زورلۇق قىلما. زورلۇق - زومبۇلۇقتىن بېيىغان ئۆي قارغىشتىن تۈگىشەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
چوڭلۇق، يوغانلىق.
زوراۋانلىق.
ئاۋۋال ئىززەت، ئاندىن زورلۇق (ماقال).
قىستاش، مەجبۇرلاش، زورلاش.
ئۇلار ئۇچرىغانلا ئادەمنى زورلۇق بىلەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئاپىرىشقا قارار قىلىشىپتۇ.
كۆچمە. ئاياغ ئاستى قىلىنىش، خورلىنىش.
ئازادگۈل ئۈچىنچى بىر شەخس تەرىپىدىن زورلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قوپال، كەسكىن، يۈرەكلىك، كەسكىن جەسۇر، كىرىشكەن، كىرىشىۋېلىش.