Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
总体战
ھەربىي
zǒng tǐ zhàn
ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشDتەنتەربىيە
zǒng tǐ zhàn
ئومۇمىي تىپلىق جەڭ (ئويۇن )
دۇنيا تارىخى
ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش
كىتاب ئىسمى. گېرمانىيە مىلىتارىستى، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ھەربىي نەزەرىيىسىنىڭ ئىجادچىسى لۇدېندورفنىڭ ئەسىرى. 1935 - يىلى نەشر قىلىنغان.بۇ كىتابتا، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى ئەتراپلىق بايان قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش - دۆلەتنىڭ بارلىق ماددىي كۈچى ۋە مەنىۋى كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، قوراللىق كۈچتىن پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە پىسخىكىلىق كۈرەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت دېيىلگەن؛ ئۇنىڭدا، سىياسىي جەھەتتە كېلىشىمدىن يۈز ئۆرۈشكە يول قويۇلغان، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇرۇش ئېلان قىلماي تۇرۇپ ئۇرۇش باشلاش ئۇسۇلى تەشەببۇس قىلىنغان؛ بۇ خىل ئۇرۇش شەپقەتسىز ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى ئۇرۇش بولۇپ، دۈشمەن دۆلەتنىڭ ئاھالىسىگە تېررورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا يول قويۇلغان. ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئىدىيىسى بىلەن <چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش> ئىدىيىسى نېمىس فاشىستلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلىردىكى نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشتە كەڭ تۈردە قوللىنىلغان.