Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زولا
دائىرە: دۇنيا تارىخى左拉
zuǒ lā
(1840 - 1902) فرانسىيىلىك ناتۇرالىست يازغۇچى. ئىنژېنېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئائىلىسى نامراتلىشىپ، خىزمەتچى بولغان. ياش ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىياتقا ھەۋەس باغلاپ، بالزاكقا چوقۇنغان. دەسلەپكى ئىجادىيىتىدە رومانتزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىنچە تاينېنىڭ ھەل قىلغۇچ نەزىرىيىسىنڭ تەسىرىگە ۋە كرود بېرنانىڭ ئېرسىيەت تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ناتۇرالىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان. 1863 - 1893 - چوڭ ھەجىملىك رومان <رۇكۇن ماكار جەمەتى> نى يازغان، پۈتۈن ئەسەر 20 قىسىم بولۇپ، ئىككىنچى ئېمپېرىيە دەۋرىدىكى بىر جەمەتنىڭ تەبىئي تارىخى ۋە ئىجتىمائىي تارىخىدىن ئىبارەت، ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى تەسۋىرلىنىپ، ئۇنىڭ ناتۇرالىزملىق ئىجادىيەت نەزىرىيىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇنىڭدەك يەنە تەنقىدىي رىئالىزملىق خاھىشىغىمۇ ئىگە بۈلغان. كېيىن يەنە <ئۈچ شەھەر>ناملىق ترولوگىيىنى يازغان (1894 - 1898).1894 - يىلى درېيفۇس ۋەقەسىدە دېموكرات ئىلغار كۈچلەر تەرىپىدە تۇرۇپ <مىنىڭ شىكايىتىم> ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ چىقىپ،ھۆكۈمەتنىڭ يولسىز ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، سەرگەردان بولۇپ ئەنگىلىيەگە كەلگەن. 1899 - 1903 - يىللىرى ئارىلىقىدا <تۆت ئىنجىل> نى يازغان. ئاخىرقى مەزگىللەردە يازغان ئەسەرلىرىدە ئوتۇپىيىلىك ئىسلاھ قىلىش ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ 50 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بىلەن 42 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى佐拉〈伊朗〉
zuǒ lā 〈yī lǎng 〉Dئىستېتىكا
زولا (1902 - 1840)
左拉(Emile Zola,1840—1902),法国作家,自然主义艺术理 论创始人
zuǒ lā (Emile Zola,1840—1902),fǎ guó zuò jiā ,zì rán zhǔ yì yì shù lǐ lùn chuàng shǐ rénDئىستېتىكا
左拉
zuǒ lā
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.