Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زېنو
دۇنيا تارىخى
泽诺
zé nuò
(426 - 491) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى (474 - 491). تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى ئىسائۇرىيە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولغان، ئەسلى ئىسمى تاراسىكودىسسا، كېيىن پادىشاھ لېئو Ⅰ كۈيئوغلى بولۇپ، ئىسمىنى زېنوغا ئۆزگەرتكەن. تەختكە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، غەربىي رىم ئىمپېرىيسى مۇنقەرز بولۇپ (476 - يىلى) رىمنىڭ بىردىنبىر پادىشاھى بولغان. ھەكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، بېقىندى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى تاشلاپ كېتىشنىنى چەكلىگەن؛ ئالاھىدە ئىجارە ئېلىش توختامنامە قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، يەرنى ئىجارىگە بېرىش مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتكەن؛ يېزا جامائەسىدىكى ئەركىن دېھقانلارنى ساقلاپ قېلىپ، بۇلارنى ئېمپېرىيەنىڭ باج ۋە ئەسكەر مەنبەسى قىلغان؛ دىنىي جەمئىيەتنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىر خىسلەتچىلەر بىلەن ياراشقان؛ مىلادى 484 - يىلى سامارىيە (ھازىرقى پەلەستىندە) دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي گوتلارنىڭ باشلىقى تېئودورىكنى قوشۇن باشلاپ ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن. شۇنداق قىلىپ، سىرتنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتكەن.
دۇنيا تارىخى
芝诺
zhī nuò
(1) (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 488 - مىلادىدىن بۇرۇنقى 430). قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ ئېلىئا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇستازى پارمېندې بىلەن بىللە ئېلىئا ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى بولغان. ئەپلاتوننىڭ <پارمېندې توغرىسىدا>دا خاتىرىلىنىشىچە، زېنو پارمېندې بىلەن بىللە ئافىناغا بېرىپ، بىر قېتىملىق بۈيۈك پان ئافىنا بايرىمى (تەخمىنەن مىلادىدىن 484 يىل ئىلگىرى) غا قاتناشقان، شۇ چاغدا ئۇ40 ياشتا ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تىران ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن، بۇ ئىشتا ئۇ بەكمۇ باتۇرلۇق قىلغانىكەن. ئۇنىڭ تەبىئەتنى مۇھاكىمە قىلغان ئەسەرلىرىدىن بۈگۈنكى كۈندە بەزى پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. زېنونىڭ يېڭى تەلىمات ئوتتۇرغا قويغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى پارمېندېنىڭ <مەۋجۇدىيەت نەزەرىيسى> نىئاقلىغانلىقىدىن نامى چىققان. ئۇ بارلىق ھەرىكەتنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىنكار قىلغان. زېنونىڭ ھۆكۈملىرىدىن <ئاكىللېس بىلەن تاشپاقا> ۋە <ئۇچۇۋاتقان ئوق مىدىرلىمايدۇ> دېگەنلەر دائىم تەتبىقلىنىدۇ. زېنو ئاكىللېس (يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان، يۈگۈرۈش ماھىرى) بىلەن تاشپاقا مۇسابىقىلىشىپ، تاشپاقا ئاكېللىستىن بىر قەدەر ئىلگىرى بولىدىغانلا بولسا، ئاكىللېس تاشپاقىغا مەڭگۈ يېتىشەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. بۇ زېنونىڭ ھەرىكەت توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى قىياسىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ قىياس مۇنداق: <بىر نىشانغا قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان نەرسە، ئالدى بىلەن، شۇ نىشانغا يېتىپ بېرىشتىكى مۇساپىنىڭ يېرىمىدىن ئۆتىدۇ. ۋەھالەنكى مۇساپىنىڭ يېرىمىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، جەزمەن يېرىمىنىڭ يېرىمىدىن ئۆتۈش لازىم. مۇشۇ بويىچە پەرەز قىلىۋىرىدىغان بولسا چەكسىز داۋاملىشىۋېرىدۇ>. ئۇنىڭ <ئۇچىۋاتقان ئوق مىدىرلىمايدۇ> دېگىنى ئېتىلغان ئوق مىدىرلىمايدۇ، دېگەننى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئوق مەلۇم بىر دەقىقىدە مەلۇم بىر نۇقتا ئۈستىدە تۇرىدۇ، مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ جىمجىت بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، سانسىز جىمجىت نۇقتىلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى يەنىلا جىمجىتلىققا باراۋەر بولىدۇ. زېنو سەزگۈ ئەزالىرى تەجرىبىسىدە ئاكىللېسنىڭ تاشپاقىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئېتىلغان ئوقنىڭ ھاۋادا ئۇچىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس، بەلكى ئۇ، ئاساسەن، بۇ ھادىسە ۋە بارلىق ھەرىكەت ھادىسىلىرىنى ئەقىل ئارقىلىق ئىگىلىگىلى ۋە ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن ھەقىقىي ئەمەس، دېگەننى چۈشەندۈرمەكچى. زېنو ئۆزىنىڭ ھۆكۈمى ئارقىلىق ھەرىكەتنىڭ مۇمكىنلىقىنى ئىنكار قلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتە دەل ھەرىكەتنىڭ زىددىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى، يەنى ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتى (زامان ۋە ماكاندا) ئۈزلۈكسىزلىك بىلەن ئۈزۈلمىلىك (ئۈزۈلۈپ قېلىش) نىڭ بىرلىكى ئىكەنلىكى؛ ئۈزۈلمىلىك نىسپىي، ئۈزلۈكسىزلىك مۇتلەق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. زېنو دەل زىددىيەتنىڭ مۇشۇنداق بىرلىكىنى ئاجرىتىۋېتىپ، زىددىيەتنىڭ بىر تەرىپىنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ، يەنە بىر تەرىپىنى ئىنكار قىلىدىغان كاززاپلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىنكار قىلغان. ئارىستوتىل زېنونى <دىئالېكتىكا> (مۇنازىرلىشىش تاكتىكىسى)نى ياراتقۇچى دەپ ئاتىغان. (2) (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 336 - 264). سىپرۇس ئارىلىنىڭ سىتىئۇم دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ستوئىكچىلىققا ئاساس سالغۇچى. ياش ۋاقتىدا سودىگەرچىلىك قىلغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە خەتەرگە يولۇقۇپ مال - مۈلكىدىن ئايرىلىپ، ئافىناغا كېلىپ، پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كۇنىكوئىچىلادىن كراتې، مېگاراچىلاردىن ستىلپو ۋە ئەپلاتون ئېقىمىدىن شېنوكرات ھەمدە پولېمولارنى ئۇستاز تۇتقان. ئارىستوتىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 294 - يىلى ئافىنا مەيدانىدىكى تاملىرىغا رەسىم سىزىلغان ئۇزۇن كارىدور ئاستىدا مەكتەپ ئاچقان، شۇنىڭ بىلەن سىتوئىك ئېقىمى (ستوئا) يەنى <رەسىملىك كارىدور مەزھىپى> مەيدانغا كەلگەن. زېنو تەبىئەت پەلسەپەسى ۋە ئېتىكا پەلسەپەسى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، <ياخشى ئەخلاق> قا يېتىشنى ئەڭ ئاخىرقى نىشان قىلغان. ئۇ ھېراكلىتنىڭ تەلىماتىغا ئەگىشىپ، ئالەمنىڭ ئىپتىدائىي پەقەت ئوت، كېيىن ئوتتىن ھاۋا، سۇ، توپا ئاپرېدە بولغان؛ بارلىق جىسىملار مۇشۇ تۆت خىل ئاناسىردىن تەركىب تاپقان (ئوت - بۇلارنىڭ ئاساسى)؛ ئاناسىرلارنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئوتنىڭ ئوينىغان رولى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، جىسىملار بىر - بىرىدىن پەرق قىلىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ چىنلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ھېسسىيبىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، شۇڭا ئۇنىڭدا ساددا ماتېرىيالىزملىق ئىدىيە بولغان. <ئادەمنىڭ تەبىئىتى توغرىسىدا> (يوقىلىپ كەتكەن) دا <تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىپ> (ياكى تەقدىرگە بويسۇنۇپ) ياشىغاندا، ئەخلاقىيمىجەز بويىچە ياشىغاندا، كىشىلەرنى ياخشىلىققا باشلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. زېنوئۆزىنىڭ دۆلەت توغرىسىدىكى ئەسەرلىرى (يوقىلىپ كەتكەن) دە <شەھەر دۆلەتلىرى> ئىدىيىسىدىن ۋاز كىچىپ، <دۇنياۋى دۆلەت> قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پلاتونغا ئوخشاشلا، ئەقىللىق كىشىلەر <خوتۇن ئومۇملىقى> دا بولۇش لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانمىش.