Uyghurئاساسىي لۇغەت
زىننەتلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىرايلىق نەرسىلەر بىلەن ھۆسنىگە ھۆسن قوشماق، پەرداز بۇيۇملىرى بىلەن يۈز - كۆزىنى بويىماق.
گۈزەل ئەخلاق ئادەمنى بېزەر، بايلىق پەقەت ئۆينىلا. بوياق بىلەن زىننەتلىگۈچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن تولدۇر ئىچىڭنى. كېسەل كۆرسەتكەندە يۈزىڭىزنى پەردازلىماڭ، دوختۇرنىڭ چىرايىڭىزغا قاراپ دىئاگنوز قويۇشىغا دەخلى يېتىدۇ. يۇيۇنۇپ چىقىپلا پەرداز قىلماڭ، زىيانلىق. تاز جابدۇغۇچە توي تاراپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ھەرخىل چىرايلىق، زىننەتلىك نەرسىلەر بىلەن بېزىمەك، ھۆسن كىرگۈزمەك، كۆركەملەشتۈرمەك.
ئۇلار ئالدى بىلەن ئوردىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى زىننەتلىمەكچى بولدى.