Uyghurئاساسىي لۇغەت
زىنا بىلەن قارىلاش گۇناھى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى بولۇپ، قوغداش خاراكتېرىدىكى ئەھكام دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ گۇناھنى بېكىتىش ۋە جازالاشتا <قۇرئان كەرىم> دىكى ھۆكۈم ئاساس قىلىنىدۇ: <ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 دەررە ئۇرۇڭلار، چۈكى ئۇلار ئەفىقە ئاياللارغا تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر)، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى (ئۇلار يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت چاپلاش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا) ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار. ئۇلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئۇلار بۆھتان چاپلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئاللانىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر> )24 - سۈرىنىڭ 4 - ئايىتى(.