Uyghurئاساسىي لۇغەت
زېمىندار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ يەر ئىگىلىگەن، ئۆزى ئەمگەك قىلماي، يەرلىرىنى دېھقانلارغا ئىجارە بېرىپ، (ياكى نۇرغۇن يىللىقچى ئىشلىتىپ) ئىجارە ھەققىنى ئاساسىي تۇرمۇش مەنبەسى قىلغان كىشى.
زېمىندارلار يەر ئىسلاھاتىدا «يەر ئىگىسى» دەپ ئاتالغان، كېيىن ۋە ھازىر «پومېشچىك» دېيىلىدى.
دۇنيا تارىخى
ھىندى تىلىدا يەر ئىگىسىنىڭ ئاتىلىشى. Zamindar سۆزى پارسچىدىن كەلگەن، Zamim نىڭ مەنىسى يەر، Darنىڭ مەنىسى ئىگىدارلىق قىلغۇچى، ئۆزلەشتۈرگۈچى دىگەنلىك. موغۇل ئىمپېرىيىسىنڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىمپېرىيىنىڭ چىگرا جايلىرى ۋە تاغلىق رايونلىرىدا يەرگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان يەرلىك ۋاڭ - گۇڭلار ياكى قەبىلەباشلىقلىرىغا قارىتىلغان. ئۇلار خاننىڭ مىتىروپولىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئولپان تاپشۇرغان. ئۇلار ئۆز زىمىنىدا ئۆزىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولغان، دېھقانلارنى ئىجارە بېجى تۆلەشكە ۋە ھاشارغا چىقىشقا مەجبور قىلغان. كېيىن بۇ سۆز ئاساسەن دۆلەت تەڭشىلەيدىغان يەر ھۆددىگەرلىرىگە قارىتىلغان، ئۇلاردا يەرگە ئەمەلىي ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى يوق. باج ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەمدە ئۆزىنى يەر ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشقان. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، زېمىندارلارنىڭ قانۇنىي فېئوداللىق يەرگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى تىكلىگەن. زېمىندار تۈزۈمىگە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
نۇرغۇن يەر - زېمىن ئىگىلىگەن ئادەم، كۆپ يەر - زېمىن ئىگىسى.
مۇھەممەد باي يۇرتىمىزدىكى كاتتا زېمىندارلارنىڭ بىرى ئىدى.