Uyghurئاساسىي لۇغەت
زىممى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بەزىدە «ئەھلى زىممە» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچى» ياكى «بۇيسۇنغۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا جىزيە تاپشۇرغان غەيرىي مۇسۇلمانلار شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەرەبلەر بويسۇندۇرغان جايلاردا ئۇلار ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا ھېسابلانغان. جىزيە تاپشۇرۇغانلار بۇرۇنقى دىنىي ئېتىقادىنى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالغان. ئۇلارنى بۇرۇنقى داھىيلىرى ئىدارە قىلغان. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا، شەرىئەتتە گۇناھلىق بېرىشىگە يول قويۇلمىغان.