Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
زېلېز نىكار
دائىرە: دۇنيا تارىخى热莱兹尼卡尔
rè lái zī ní kǎ ěr
(1843 - 1903) يۇگۇسلاۋىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ئۇزاق ۋاقىت فرانسىيىدە تۇرغان. 1871 - يىلى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ كۈرىشىگە قاتناشقان. كېيىن ۋەتىنىگە قايتقان. 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ليوبلىيانادا ئىشچىلار مائارىپى جەمئىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1884 - يىلى ئاۋستىرىيە - ۋېنگرىيە دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئون يىل جاپالىق ئەمگەككە سېلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 1892 - يىلى قاماقتىن چىققاندىن كېيىن، ئىشچىلار ھەرىكىتىگەيېڭىۋاشتىن كىرىشكەن. 1896 - يىلى يۇگوسلاۋىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.