Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
子叶
بىئولوگىيە
پەللە يوپۇرماق
ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تۆرەلمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى قىسىملارنىڭ بىرى. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە بىر قانچە تال پەللە يوپۇرماق بولىدۇ. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ئىككى تال (قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر) ياكى بىر تال (تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر) پەللە يوپۇرماق بولىدۇ. پەللە يوپۇرماقنىڭ رولى ۋە مورفولوگىيىسى كۆپ خىل بولىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەللە يوپۇرمىقى تۆرەلمە تەرەققىياتى جەريانىدا تۆرەلمە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى سۈمۈرۈپ ئۆزىدە زاپاس ساقلاپ، زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان تۈزۈلۈشكە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، كېۋەز، قوغۇن، قاپاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەللە يوپۇرمىقى ئۇرۇق بىخلانغاندا تۆرەلمە سۈتىدىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈپ تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈش قىسىمىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەللە يوپۇرمىقى. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەللە يوپۇرمىقى تۇپراقتىن چىقىپلا يېشىلىغا ئۆزگىرىپ فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، ئابدىمىلىك، كۈنجۈت، كېۋەز، قىچا، كاۋا قاتارلىقلار. پەللە يوپۇرماق يەنە فىزىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىقى بولغان ماددىلارنى پەيدا قىلىپ مايسىنىڭ ئۆسۈپ يتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دېھقانچىلىق
zǐ yè
ئۇرۇق پەللىسىDئورمانچىلىق
zǐ yè
تۆرەلمە ياپراق، ئۇرۇق پەللىسىDئۆسۈملۈك
zǐ yè
پەللە يوپۇرماقDئۇنىۋېرسال
zǐ yè
كوتىلېدون، ئۇرۇق پەللىسى، تۆرەلمە يوپۇرماق