Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
自养微生物
بىئولوگىيە
ئۆزىدىن ئوزۇقلىندىغان مىكرو ئورگانىزملار
كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى ئاساسلىق كاربون مەنبەسى ياكى بىردىنبىر كاربون مەنبەسى قىلىپ ئۆسىدىغان مىكرو ئورگانىزم. بۇ تۈردىكى مىكرو ئورگانىزملار ئۆسۈشكە كېرەكلىك بولغان ئېنېرگىيىنى نىئورگانىك ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىش جەريانىدىن ياكى فوتو فوسفاتلىنىش جەريانىدىن ئالىدۇ. شۇڭا ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان مىكرو ئورگانىزملار خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان مىكرو ئورگانىزملار ۋە قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان مىكرو ئورگانىزملارغا بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى (مەسىلەن، ھىدروگېن باكتېرىيىسى، تۆمۈر باكتېرىيىسى، گۈڭگۈرت باكتېرىيىسى ۋە نتراتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە قاتارلىقلار) ھىدروگېن گازى، گۈڭگۈرت ياكى گۈڭگۈر بىرىكمىلىرى، ئىككى ۋالېنتلىق تۆمۈر ۋە ئاممىياك (ياكى نىترىت كىسلاتا تۇزى) نىڭ ئوكسىدلىنىش جەريانىدىن ھاسىل بولغان ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىدۇ؛ كېيىنكىسى (مەسىلەن، بىنەپشە گۈڭگۈرت باكتېرىيىسى، يېشىل گۈڭگۈرت باكتېرىيىسى قاتارلىقلار) قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىدۇ. خىمىيىلىك ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھەممىسى ئىپتىدائىي يادرولۇق مىكرو ئورگانىزملارغا كىرىدۇ.