Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
自体吞噬泡
بىئولوگىيە
ئۆزلۈكىدىن يۇتقۇچى ۋاكۇئولا
<ئۆزلۈكىدىن ئوزۇقلانغۇچى تەنچە> دەپ ئاتىلىدۇ. سىرتقى بىر قەۋەت پەردە (بىرلىك پەردە) ئوراپ تۇرىدۇ، ئىچىدە سىتوپلازمىلىق تەركىبلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ھاسىل بولۇش جەريانى: سىتوپلازمىدىكى بەزى قۇرۇلمىلار (ياكى تەركىبىدىكى ماددىلار)، مەسىلەن، خوندىرىئوسوما ئچىكى پلازما تورىنىڭ كىچىك بۆلۈكلىرى ھەمدە سىتوپلازمىدىكى باشقا دانىچىلەر ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ ئۆتكەن پۈۋەكچىسىمان تۈزۈلۈشى، دەسلەپكى ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئۆزلۈكىدىن يۇتقۇچى ۋاكۇئولىغا ئايلىنىدۇ. ھايۋان، ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىدىمۇ ھاسىل بولىدۇ. ئۇ سىتوپلازمىغا ئېھتىياجلىق بولغان تەركىبلەرنى تولۇقلاش ياكى يېڭىلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، سىتوپلازمىدىكى ۋاقتىنچە ئېھتىياجسىز ياكى كېرەكسىز بولغان تەركىبلەرنى تازىلايدۇ، مەسىلەن، قومچاقنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىپ يېتىلىشىدە قۇيرۇقىنىڭ يوقىلىشى ئەنە شۇ ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن يۇتقۇچى ۋاكۇئولا ئارقىلىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ خىل ھەزىم قىلىش جەريانى ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. <ئېرىتكۈچى ئېنزىم> گە قاراڭ.