Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
自生固氮菌
تۇپراق
zì shēng gù dàn jūn
ئازوتنى ئەركىن تۇراقلاندۇرغۇچى باكتېرىيەDئۇنىۋېرسال
zì shēng gù dàn jūn
ئازوتنى ئەركىن تۇراقلاندۇرغۇچى باكتېرىيە
بىئولوگىيە
ئازوتنى مۇستەقىل تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە
باشقا جانلىقلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشىمايدىغان، ئەركىن ياشاپ ئاتموسفېرادىكى ئەركىن ھالەتتىكى ئازوت گازىنى تۇراقلاشتۇرىدىغان باكتېرىيىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ مورفولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدىغان تۈركۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئنىڭ ئاساسلىقلىرىدىن ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەر ئائىلىسىدىكى باكتېرىيىلەر، كۆپلىگەن فوتوسېنتىز باكتېرىيىلىرى، بەزى بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە، بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە، ئۆپكە ياللۇغى كېس تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىق ئاز ساندىكى ئۈچەي يولى تاياقچە باكتېرىيىلىرى ھەمدە بەزى روكا باكتېرىيىلىرى بار. يېشىل باكتېرىيە (كونا نامى <يېشىل يۈسۈن>) ۋە بەزى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرىمۇ ئازوتنى مۇستەقىل تۇراقلاشتۇرالايدۇ. شۇڭا ئۇلارمۇ ئازوتنى مۇستەقىل تۇراقلاشتۇرىدىغان مىكرو ئورگانىزملارغا كىرىدۇ. ئازوتنى مۇستەقىل تۇراقلاشتۇرىدىغان باكتېرىيىلەر دېگەن ئاتالغۇ بەزىدە مەخسۇس ئازوتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان باكتېرىيىلەر ئائىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئائىلىدىكى باكتېرىيىلەر گرام مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك بولۇپ، مەخسۇس ئوكسىگېنلىق شارائىتتا ياشايدۇ. بىخ سپورا ھاسىل قىلمايدۇ. خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلار تۆت ئۇرۇقداشقا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەر ئۇرۇقدىشى ۋەكىللىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان باكتېرىيىلەر ئۇرۇقدىشىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ ھۈجەيرىسى تۇخۇمسىمان ياكى شارسىمان بولىدۇ. دېئامېترى ئىككى مىكرومېتر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولىدۇ، بىخ سپورا ھاسىل قىلمايدۇ، بىراق شارسىمان قېلىن پوستلۇق سپورا خالتىسى ھاسىل قىلىدۇ، سپورا خالتىسى ئىچىدە تېخى تولۇق ئۇخلىمىغان بىر دانە ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسى بولىدۇ، ئۇ زور مىقداردا كاپسۇلا يېپىشقاق سۇيۇقلۇقىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئازوت مەنبەسى يېتىشمىگەن مۇۋاپىق شارائىتتا بىر گرام قەنتنى سەرپ قىلىپ 10 - 20 مىللىگرام ئازوتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. ئۇ تۇپراق ۋە سۇغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، تۇپراقتىكى ئازوتنىڭ مىقدارىنى ئارتتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەر يەنە كۆپ خىل ۋىتامىن تۈرىدىكى ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلاش رولىغا ئىگە.