Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
子房培养
بىئولوگىيە
ئۇرقدان ئۆستۈرۈش
ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇق دېنىنى تەندىن ئايرىلغان شارائىتتا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. ئۇرۇقداننى ئۆستۈرۈشنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. بىرى چاڭلانغاندىن كېيىنكى ئۇرۇقداننى ئۆستۈرۈش، يەنى ئۇرۇقلانغان ئانىلىقنى ئايرىۋېلىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى زىگوتا ياكى ئىپتىدائىي تۆرەلمىنىڭ يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەڭ ئاخىرىدا ھايات ئۇرۇقى بولغان مېۋە ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. يۇمران تۆرەلمىنى ئۇرۇقدان بىلەن تۆرەلمە تۈگۈنى قوغدايدىغان ۋە ئوزۇقلاندۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇنى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئۆستۈرگەندە مۇستەقىل ئۆستۈرۈشكە قارىغاندا ئاسان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ پەمىدۇر، پۇرچاق، تاماكا، بۇغداي، لەيلىقازاق، ئەگمەك گۈل قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى. يەنە بىرى، چاڭلانمىغان ئۇرۇقداننى ئۆستۈرۈش. يەنى چاڭلىنىشتىن بۇرۇنقى ئۇرۇقداننى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى تۇخۇم ھۈجەيرىسى ياكى باشقا تاق ھەسسىلىك ھۈجەيرىلەرنى ئىندۇكسىيىلەپ يېتىلدۈرۈپ تۆرەلمىسىمان تەنە ياكى جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما ھاسىل قىلىش، قايتا ئۆستۈرۈپ تاق ھەسسىلەنگەن تەنىلىك ئۆسۈملۈككە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ چاڭداننى ئۆستۈرۈشتىن كېيىنكى تەنىدىن ئايرىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تاق ھەسسىلىك تەنىنى ئىندۇكسىيىلەشنىڭ باشقا بىر جەريانى. بۇ ئۇسۇل بىلەن ئارپا، بۇغداي، تاماكا، شال، كۆممىقوناق، گۈلسامساق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىلدى.