Uyghurئاساسىي لۇغەت
زىيانىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي بولۇپ، شازىلىيە پىرقىسىنىڭ ماراكەشتىكى تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىرقىنى ⅦⅩ ئەسىردە ئىبنى ئەبى زىبان (؟ - 1733) ماراكەشتە قۇرغان. ئىبنى ئەربى زىيان ياش ۋاقتىدا ۋىستا ئوقۇغان. كېيىن <جادۇگەرلىك> نى تارقاتتى، دېگەن باھانە بىلەن باشقا جايغا سۈرگۈن قىلىنغان. قېچىش داۋامىدا شازىلىيە پىرقىسىنىڭ شۇ يەردىكى تارمىقىغا قوبۇل قىلىنغان. كېيىن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغان. دۆلىتىگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، يۇرتى كېناھادا زاۋىيە سېلىپ، بۇ پىرقىنىڭ باش ئورگىنى قىلغان. شازىلىيە پىرقىسىنىڭ مۇراسىملىرىنى سەل ئاددىيلاشتۇرغان ۋە ئۆزگەرتكەن. مەسىلەن، مىڭ قېتىم تەسبىھ ئېيتىشنى 100 قېتىمغا ئۆزگەرتكەن ھەمدە مۇرىدلارنى باشلاپ سۇ قۇرۇلۇشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرغان، كارۋانلارنى قوغداپ ماڭغان. پىرقىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تەسىرى ئېشىپ بارغان. بۇ پىرقە ئۆتكەن - كەچكەن سودىگەرلەرنى ھەمىشە قوغداپ ماڭغانلىقتىن، سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى <ئۇچقۇرلار> دەپ ئاتالغان. پىرقىنىڭ باشلىقلىقى جەمەت ئىچىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغان. مۇرىدلىرى ماراكەشكە تارقالغان.