Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
注意分配性
پسىخولوگىيە
دىققەتنىڭ بۆلۈنۈشى
بىر ۋاقىت ئىچىدە دىققەتنى ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئوبيېكت ياكى ھەرىكەتكە بۆلۈنۈش مۇمكىن. مەسىلەن : شوپۇر ماشىنىنىڭ تېزلىكى بىلەن يۆنىلىشىنى تەڭشىشى ھەم ئۆتۈۋاتقان ئادەم ۋە ماشىنىلارغا سەپسېلىشى كېرەك. بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر مەلۇم بىر سىستېمىغا سېلىنىشى لازىم. ياكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى ئاپتوماتلاشقان بولۇشى كېرەك، ئەنە شۇ چاغدىلا دىققەتنى ئوبدان تەقسىملىگىلى بولىدۇ. ئوقوتقۇچى، ئوقوغۇچى ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرمۇ دىققەتنى ئوبدان بۆلۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەكلىرى كىشلەردىن دىققەتنى توغرا تەقسىملەشكە ئۇستا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.