Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
朱维纳里
دۇنيا تارىخى
جۇۋېنال
(تەخمىنەن مىلادىن 60 - 140) قەدىمكى رىمنىڭ ساتىرىك شائىرى. لاتىئومنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئاكۇئىنوم دېگەن يەردە تۇغۇلغان. دادىسى (ياكى بېقىۋالغان دادىسى) باي ئازاد قۇل. ياشلىقىدا ستىلىستىكا ئۆگەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قوشۇن بىلەن بىللە مىسىر ۋە برىتانىيىگە بارغان. ھەجۋىي شېئىرلىرىدىن ھازىرغىچە 16 كۇپلېتلار ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلاردا پادىشاھ دومىتىئانۇسنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، رىم جەمئىيىتىدىكى بۇزغۇنچىلىقلار ۋە ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك ئېچىپ تاشلىنىپ، تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىغا ھېسداشلىق قىلىنغان. لېكىن بۇ شېئىرلار تەقدىرچىلىك تۈسىنىمۇ ئالغان. قەلىمى كۈچلۈك ۋە جانلىق بولۇپ، بولۇپ، لاتىن ئەدەبىيات مۇنبىرىدە پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان زاۋالغا يۈزلىنىش دەۋرىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.