Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ژۇپا
دائىرە: دۇنيا تارىخى茹帕
rú pà
(Жупа نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى) ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى جەنۇبى سىلاۋىيانلار بىلەن غەربىي سىلاۋىيانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشقان رايون خاراكتىرلىك بىرلەشمە. ئادەتتە جىلغا ئەتراپلىرىدا بارلىققا كەلگەن. ژۇپانىڭ باشلىقى ژۇپان دەپ ئاتالغان. دەسلەپكى مەزگىللىرى ئۇرۇقداشلارنىڭ ئاقساقىلى بولغان، كېيىن فېئودالغا ئايلانغان. مىلادى Ⅷ ئەسىردىنⅨ ئەسىرگىچە جەنۇبىي سىلاۋىيانلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا قوشنا ئۆتكەن بىرقانچە ژۇپالار بىرلىشىپ چوڭ ژۇپا (كېنەزلىك) بولغان، ئۇنىڭ باشلىقى چوڭ ژۇپان (كېنەز) دەپ ئاتالغان. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ژۇپا بىرخىل مەمۇرىي رايون بولۇپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.