Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
卓娅
دائىرە: دۇنيا تارىخىزويا
(1923 - 1941) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئايال قەھرىمانى، كومسومول، فاشىت گېرمانىيسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئۇ 1941 - يىلى 10 - ئايدا پارتىزانلار ئەترىتىگە قاتنىشىپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدە پارتىزانلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1941 - يىلى 11 - ئايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، قىيىن - قىستاققا ئېلىنىپ قاتتىق ئۇرۇلغان بولسىمۇ تىز پۈكمىگەن. 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى موسكۋا شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى پېترروسوۋ يېزىسىدا دارغائېسىلغان. ئۆلگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى دەپ نام بېرىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.